باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاك گيۇنھاينىڭ «شەرتلىك» تەختتىن چۈشۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كورىيەنىڭ سىياسىي ۋەزيىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى

2016.11.30 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نوايبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنھاي 29-نويابىر 3-قېتىم ئاۋامغا سۆز قىلىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىق «كېتىش-قېلىش مەسىلىسى» نى پارلامېنتنىڭ بېكتىىشىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، «پاك گيۇنھاينىڭ يېقىنىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلىشىش» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان پاك گيۇنھاينىڭ تەختتىن چۈشۈش-چۈشمەسلىك توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: كورىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى ئەسلى 29-نويابىر زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەسلەپكى لايىھەسىنى ئەيىبلەشنى بەلگىلىگەن، پاك گيۇنھاينىڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇيۇقسىز بۇنداق تەختتىن «شەرتلىك» چۈشۈش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى «پاك گيۇنھاينى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولغانلار» ئىتتىپاقىنىڭ ئەيىبلەش پىلانىنى بۇزۇپ، «كېتىش-قېلىش مەسىلىسى» توپىنى پارلامېنتنىڭ تېپىشىگە قالدۇرۇش. بۇ، كورىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى.

  بۇ، پاك گيۇنھاينىڭ 4-نويابىر 2-قېتىم ئاۋامغا سۆز قىلغاندىن كېيىنكى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە «پاك گيۇنھاينىڭ يېقىنىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلىشىش» ۋەقەسىگە قارىتا يەنە ئاۋامغا سۆز قىلىپ، ئاۋامدىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى.

  3-قېتىم ئاۋامغا قىلغان سۆزىدە، پاك گيۇنھاي «كېتىش-قېلىش مەسىلىسى» نى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارلامېنت ھاكىمىيەتنى سىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت قالايمىقانچىلىقىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتسا، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە مۇدەتتىن بۇرۇن تەختتىن چۈشۈشنى خالايمەن.

  كورىيە تارتقۇلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ، پاك گيۇنھاينىڭ تەختتىن «شەرتلىك» چۈشۈش لايىھەسىنى ئوتتورىغا قويۇپ، چاۋشيەن ئۆكتىچى پارتىيەسى ۋە پارلامېنت بىلەن بىرلىككە كېلىپ، ئۆتكۈنچى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى شەرت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: پاك گيۇنھاينىڭ مۇشۇ پەيتتە 3-قېتىملىق ئاۋامغا سۆز قىلىشى ھەم تەختتىن «شەرتلىك» چۈشۈشنى جاكارلىشى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتتىكى بېسىم سەۋەبىدىن بولغان: ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچى كۈچلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئۆكتىچى پارتىيە ئەيىبلەش دېلوسى سۈرئىتىنى تېزلەتكەن، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئىچىدىكى «پاك گيۇنھاينىڭ يېقىنلىرى» نىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگەرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر