باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە كېسەل بولغانلارنىڭ سانى 654 مىڭغا يەتكەن

ئۇلارنىڭ %90تىن ئارتۇقى جىنسىيەتتىن تارقالغان

2016.12.01 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەيدىز كېسىلى پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان زور ئاممىۋىي سەھىيە مەسىلىسى بولۇپ قالدى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى 9- ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە تەييارلانغان دوكلاتتا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 654 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر جەمئىي 201 مىڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. جىنسىيەت بىلەن يۇقۇش ئەڭ مۇھىم يۇقۇش يولى بولۇپ، 2016- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، يېڭىدىن دوكلات قىلىنغانلاردىن جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقتۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %94.2كە يەتكەن.

  12- ئاينىڭ 1- كۈنى دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى بولۇپ، بۇ يىلقى تەشۋىقات تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ئالدىنى ئېلىش مۇھىم». دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گوچياڭ يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات پائالىيىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قان ئارقىلىق يۇقۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇپ، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى، ئۇلارنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2015- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە شۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ھازىر ھايات بولغان بىمارلار تەخمىنەن 850 مىڭ كىشى بولۇپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.06 بولغان، ئومۇمىي جەھەتتە يەنىلا تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر