باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ھىندىستاننى نەق پۇلسىز دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى

2016.11.30 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان زۇڭلىسى نارېندرا مودى ھىندىستاننى نەق پۇلسىز دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ %86 نەق پۇلنى بىكار قىلىۋېتىپ، ھىندىستان جەمئىيىتىدە قالايمىقانچىلىق ۋە تالاش تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان. مودى تىجارەتچىلەر ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر سىنىپىنى رەقەملەشكەن چىقىمنى قارشى ئېلىشقا چاقىردى. رەقەملەشكەن چىقىمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مودىنىڭ چوڭ سوممىلىق نەق پۇللارنى بىكار قىلىشتىكى مەقسىتى قاراڭغۇ بازار ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش.

  مودى ھىندىستان ئاھالىلىرىنى يانفون بانكىسى ئەپلىرى ۋە كرېدىت كارتىسى ئىشلىتىشكە چاقىردى. مودى مۇنداق دېدى: «نەق پۇل پۈتۈنلەي ئىشلىتىلمەيدىغان جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. بىراق نېمە ئۈچۈن نەق پۇلنىڭ ئىشلىتىشىنى بارا بارا ئازايتمايمىز؟ ئاندىن بىز نەق پۇلنى ئازراق ئىشلىتىدىغان دۆلەتتىن بارا-بارا نەق پۇلنى پەقەت ئىشلەتمەيدىغان دۆلەتكە ئايلىنىمىز.»


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر