باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالىملار يادرو قالدۇقلىرىنى ئالماس باتارېيەگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى بايقىدى

2016.11.30 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىستول ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكىشۇناسلىرى بىلەن خىمىيە ئالىملىرىنىڭ جاكارلىشىچە، ئۇلار بىر خىل ئۇسۇلنى تاپقان بولۇپ، قىممىتى يوق دەپ قارالغان نەچچە مىڭ توننا كېرەكسىز يادرو قالدۇقلىرىنى سۈنئىي ئالماس باتارېيەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل باتارېيەنىڭ ئۆمىرى نەچچە مىڭ يىلغا يېتىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ تارىخىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇلار ئەنگلىيەدىكى كونىرىغان Magnox ئاتوم قازىنى يادرو قالدۇقلىرىنى تەتقىق قىلغان، مەزكۇر ئاتوم قازىنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھازىر ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالماس باتارېيە 5730 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا %50 سىغىمچانلىقىنى ساقلىيالايدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان تۆۋەن سەرپىياتلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىكەن، مەسىلەن، يۈرەك قوزغاتقۇچ، سۈنئىي ھەمراھ، يۇقىرى بوشلۇقتا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەتتا ئالەم كېمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر