باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ «24 مەۋسۇمى» ب د ت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى

2016.12.01 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-نويابىر، ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەرئارا كومىتېتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىنىدا، جۇڭگو يوللىغان «24 مەۋسۇم» بىردەك ماقۇللىنىپ، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  «24 مەۋسۇم» بولسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇياشنىڭ يىللىق ئايلىنىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىشى ئارقىلىق، بىر يىل ئىچىدىكى پەسىل، كىلىمات، فېنولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن شەكىللەنگەن بىلىم سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى بولۇپ، «24 مەۋسۇم»نىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك رولى بار، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارى سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار ئەمەلىي پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنى تونۇش سىستېمىسى بولغان «24 مەۋسۇم» «جۇڭگونىڭ بەشىنچى چوڭ كەشپىياتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر