باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ، ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا قانۇنىغا قارشى تۇرغان پلاىسنى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا كۆرسەتتى

2016.11.30 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ جورجى ئىشتاتىدىن كەلگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى توم پلاىسنى سەھىيە ۋە جامائەت مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر بولۇشنى تاللىدى. پلاىس ئەينى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا قانۇنىغا تەنقىد پوزىتسىيەدە تۇرغان ئىكەن. پلاىس بولسا، شەكىل تۈزەش سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاۋام پالاتاسى خامچوت قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىكەن.

  ترامپ، ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا قانۇنىنى بىكار قىلىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى، لېكىن ئۇمۇ مەزكۇر قانۇننىڭ مەلۇم بىر قىسىملىرىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  29- نويابىر، ترامپ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇش ئىمكانىيىتى بار يەنە بىر نامزات بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ بولسا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، پېنسىيەگە چىققان گېنېرال داۋىد پىترۇاۇس بولىدۇ. پىترۇاۇس 2012- يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر