باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كۇبانىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، فىدېل كاسترونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

2016.11.30 15:57   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كۇبانىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، فىدېل كاسترونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كۇبانىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، كۇبانىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى فىدېل كاسترونىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۇبانىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش زالىغا كەلدى. زالغا يولداش فىدېل كاسترونىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. شى جىنپىڭ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋلار ئەۋەتكەن گۈلچەمبىرەكلەر فىدېل كاسترونىڭ سۈرىتى ئالدىغا قويۇلغانىدى.

  شى جىنپىڭ فىدېل كاسترونىڭ سۈرىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇردى، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، تەزىيە دەپتىرىگە تەزىيە سۆزى يازدى ھەم ئىمزا قويدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە بىلدۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش فىدېل كاسترو كۇبا كومپارتىيەسى ۋە كۇبا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۇبا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى. يولداش فىدېل كاسترو دەۋرىمىزدىكى ئۇلۇغ شەخس، ئۇنىڭ دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى قوللاشتەك ئىش - ئىزلىرىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلايمىز. بۈگۈن تەزىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق كۇبادىكى يولداشلارغا جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدە ۋاقىتتا كۇبا كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى بىلەن زىچ بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز. رەئىس رائول كاسترونىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۇبا كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ يولداش فىدېل كاسترونىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۇبانىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقا…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ م…
    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى