- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئولتۇراقلىشىش كىنىىشكىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىش سۇپىسى تۆنۈگۈن ئېچىلدى
2016.12.01 17:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش باش ئەترىتى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئارقىلىق، توردا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئىش تۈرىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى. بېيجىڭغا كەلگەنلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ئىشىنى بىجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ج خ ئورگانلىرى 257 كۆچمە باشقۇرۇش پونكىتى تەسىس قىلىپ، توردا كېلىشكەن ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش كەسپىنى قۇبۇل قىلىدۇ، بېيجىڭغا كەلگەنلەر توردا كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرەلى تەكشۈرۈلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆرسىتىلگەن جايغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن پوچتىدىن ئەۋەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى مۇلازىمەت سۇپىسى»نىڭ ئىقتىدارىنى لايىھەلەش جەھەتتە، توردا ئولتۇراقلىشىشنى تىزىملاش كارتىسىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش، تور نۇقتىسىنى تەكشۈرۈش، ئىش بىجىرىش كۆرسەتمىسى، سىياسەت-بەلگىلىمىلەر ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر