باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئالاقىدار لايىھەلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، پۇقرالارنىڭ جان بېقىش پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.12.01 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئاممىنىڭ «جان باقىدىغان پۇلى» ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، ئىلگىرى مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا، مەلۇم تور پونكىتى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 25 مىڭ كىشى ئىچىدە، %55تىن ئارتۇق كىشى كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى.

  «ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مەبلەغ سېلىپ باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، فوند مەبلىغىنى تەقسىملەشتە، «خەۋپى تۆۋەنگە يۇقىرى نىسبەت، خەۋپى يۇقىرىغا تۆۋەن نىسبەت» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، بىر يىلدىن يۇقىرى قەرەللىك ئامانەت پۇلى، ھۆكۈمەت زايومى قاتارلىق خەۋپى تۆۋەن تۈرلەرگە تەقسىملىنىدىغان نىسبەت فوند ساپ قىممىتىنىڭ %135تىن ئاشمايدۇ؛ لېكىن پاي چېكى، ئارىلاشما فوند قاتارلىقلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى فوند ساپ قىممىتىنىڭ %30تىن ئاشمايدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە مەبلەغ سېلىش خەۋپىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر كونكرېتتىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ، فوند مۈلۈك تەقسىماتى، مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتىنى لايىھەلەش، مەبلەغ سېلىش خەۋپىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چېقىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، پۇقرالارنىڭ جان بېقىش پۇلىنىڭ قىممىتى ساقلىنىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر