باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

2016.11.30 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە يېرىم كېچە ئەتراپىدا، بىرازىلىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى پۇتبول كوماندىسىنىڭ چاپېكوئېنسې كوماندىسى ئەزالىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان كولومبىيە مېدېللىن ئايرودۇرۇمىغا ئۇچۇۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندا 81 كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ توققۇزى ئايروپىلان خادىمىكەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مېدېللىن جوسا مارىئا كوردوۋا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى تارقاتقان خەۋەردە دېيىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CP2933 ئىكەن.

  ئاۋىياتسىيە دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: خەۋەردە دېيىلىشىچە ئاز دېگەندە ئالتە كىشى قۇتۇلۇپ قالغان. چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان ئەنگلىيە ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش شىركىتىنىڭ 146 قىسقا مۇساپىلىك ئايروپىلانى بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كەچ سائەت 10لەردە، ۋەقەگە يولۇققان ئايروپىلان ئېلېكتىر كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن جىددىي ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان. قۇتقۇزغۇچى خادىملار دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى كۆرۈش ئارىلىقىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئامالسىز قايتىپ كەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر