خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئامېرىكا تېننىس شىتاتى سېۋىر ناھىيەسىدىكى پىگىيون فورجتا كىشىلەر تاغدىكى ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن ئۆيلىرىنى تەكشۈرمەكتە. ئامېرىكا تېننىس شىتاتى ئەمەلدارىنىڭ 29- نويابىر ئېيتىشىچە، تېننىس شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سېۋىر ناھىيەسىدە 28- نويابىر كېچىدە تاغقا ئوت كېتىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى قازا قىلغان، ئون نەچچە كىشى يارىلانغان، ئونمىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، يۈزدىن ئارتۇق ئۆيلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە تاغدىكى ئوت بىر قىسىم رايونلاردا يەنىلا كۆيۈۋاتقان بولۇپ، نەچچە يۈز ئوت ئۆچۈرگۈچى كىشى ئوتنى ئۆچۈرمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى