- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش ئۇزۇن داۋاملاشقاندا كۆپ خىل كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ
2016.11.30 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك جۇڭيى تىبابەت دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجىرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 30 نەچچە ياشلىق بىر ئەر قىش كىرگەندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىل سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش سەۋەبلىك بەدىنى بىئارام بولغان، تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بولغانلىقى مەلۇم بولغان.
مەسئۇل دوختۇر ياڭ شىڭجىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 30 نەچچە ياشلىق ليۇ ئەپەندى بىر يۇمتال لايىھەلەش-ئېچىش شىركىتىنىڭ خادىمى بولۇپ، خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇزۇن مەزگىل سۈيدۈك قىسىدىغان ئادىتى بار ئىكەن، بولۇپمۇ قىش كەلگەندىن كېيىن، سۈيدۈكنى قىسىۋېلىش تېخىمۇ كۆپ بولغان. يېقىندا، ليۇ ئەپەندى سۈيدۈك قېتىم سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپ بولغانلىقىنى، سۈيدۈك قىستاش، كېچىدە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش، كىچىك تەرەتنىڭ تولۇق چىقماسلىقى، بەزىدە بەل تۆۋىنىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان، دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتكەندە، بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان.
ياڭ دوختۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىشتا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىچىك تەرەت قېتىم سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى، قىشتا ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن، تەر مىقتارىمۇ ئاز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. كىشىلەرنىڭ سۈيدۈكدانىنىڭ سىغىمى ئوتتۇرىچە 350- 500 مىللىلېتىرغىچە بولىدۇ، ئەڭ چوڭ بولغاندا تەخمىنەن 800 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە سۈيدۈكداندىكى سۈيدۈك مىقتارى يىغىلىپ 400- 500 مىللىلېتىر بولغاندا، سۈيدۈكدان تولۇپ كەتكەنلىكتىن، كۆرۈنەرلىك ھالدا كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ. ئەگەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كىچىك تەرەت قىلغۇسى كەلگەندە، سۈيدۈكنى ئۇدا قىسىۋالغاندا، چاتاق چىقىدۇ. سۈيدۈكنى ئاندا-ساندا قىسىۋېلىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، ئەمما كىچىك تەرەتنى دائىم قىسىۋالغاندا، بەدەنگە بولغان زىيىنى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. قىشتا سۈيدۈكنى قىسىۋالماسلىق، ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدىغان ياكى ئەسلىدىنلا كېچىسى كۆپ قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدىغانلار ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن سۇ ئىچمەسلىكى، ياكى سۇنى ئاز ئىچىشى كېرەك.
كىچىك تەرەتنى دائىم قىسىۋالغاندا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك قېيىپ قېلىش، سۈيدۈكدان راكى، سۈيدۈكدانغا تاش چۈشۈش دېگەندەك كېسەللىكلەرنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر