- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
2016.11.29 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- نويابىر، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ساقلاپ تۇرغىلى ۋە كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان تۈپ سىياسەت ۋە ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئاقلاش جەھەتلەردىن تولۇق تونۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر