خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، سۇدان پايتەختى خارتۇمدا بىر نەچچە ئوقۇغۇچى جۇڭگو-سۇدان دوستلۇق قىزلار ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا تۇرماقتا. شۇ كۈنى، جۇڭگو تىنچلىق تەرەققىيات فوندى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشقا ياردەملەشكەن جۇڭگو-سۇدان قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى سۇدان پايتەختى خارتۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-سۇدان دوستلۇق قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 3180 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا 12 سىنىپ، تۆت ئىشخانا، ئۈچ تەجرىبەخانا بار، ھەمدە 500 ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، سۇدان خارتۇم سەئىدى خادىج قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى 2013- يىلى كەلكۈن ئاپىتىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ سەۋەبلىك ئوقۇشتىن قالغان. جۇڭگو تىنچلىق-تەرەققىيات فوندى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ خەلقئارا مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى مەكتەپ ياتىقى سېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى