باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پىكىر ئېلان قىلىپ، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى

2016.12.02 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى ۋەزىيەتتە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ئادۋوكاتلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئادۋوكاتلار خىزمىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە جازالاش خىزمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، «پىكىر»دە ئىدىيە-سىياسەت قۇرۇلۇشى، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىن تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر