باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1- سوت ئېچىلدى

2016.12.02 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- دېكابىر، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ شىۋېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى. جىلىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا خادىم قاتناشتۇرۇپ، ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار لۈ شىۋېن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا چىقىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  جىلىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ئەيىبلىدى: 2001- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، جاۋابكار لۈ شىۋېن بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ رايون باشلىقى، ج ك پ بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى, تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى, شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مالىيە مەبلەغ جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا ياردەم بېرىش دېگەندەك قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە بىۋاسىتە ھالدا ياكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئورۇنلار بەرگەن مال-مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان ، ئۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇلارنىڭ قىممىتى 18 مىليون 786 مىڭ 602 يۈەنگە توغرا كەلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە لۈ شىۋېننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى.

  سوت قىلىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، لۈ شىۋېن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىسپاتلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى-ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ تولۇق پىكىر بايان قىلدى، لۈ شىۋېن ئەڭ ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە بارلىق زاڭ پۇل، زاڭ ماللارنى پائال قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەڭ ئاخىرىدا، سوتنىڭ توختىتىلىپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر