باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر تېببىي خادىملار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2016.12.02 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 29 - قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئەيدىز ئاغرىقلىرى ھەم دوختۇرخانىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان تېببىي خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان تېببىي خادىملاردىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىۋاتقان پىدائىيلاردىن ھال سورىدى.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىدا ئالدى بىلەن كېسەلخانىدا يېتىۋاتقانلارنى، ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان ئىككى بالىنى يوقلىدى. شۆھرەت زاكىر ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئاغرىق بالىغا ئويۇنچۇق سوۋغا قىلدى. ئۇ بالىنىڭ ھامىيلىرىدىن بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. شۆھرەت زاكىر ئىككى بالىنىڭ داۋالىنىش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىدا خېلى ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاغرىقلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، جەمئىيەتتىكىلەر سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ھەممىسى سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. دۆلەت ئەيدىزگە قارىتا بىر قاتار پاناھلاندۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىمىز، دېدى. ئۇ ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشەنچنى چىڭىتىش، كېسەلگە دادىل يۈزلىنىش، ئۈمىدۋار بولۇش، دوختۇرلارنىڭ داۋالاش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شۆھرەت زاكىر دوختۇرخانىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تېببىي خادىملاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈل تەقدىم قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ تېببىي خادىملارغا مۇنداق دېدى: سىلەر ئۇزاقتىن بېرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلار شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىڭلار ئېغىر، خىزمىتىڭلار جاپالىق، سىلەرنىڭ «ئاغرىققا ئامال، ئۆلۈمگە سەۋەب» قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلارنى ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان مېھىر - مۇھەببەتكە ئايلاندۇرۇپ، داۋاملىق مېھرىبان، سەۋرچان، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئاغرىقلارغا جان - دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، جەمئىيەتتىكىلەرگە بەخت ئاتا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۆھرەت زاكىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ھەممە كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك. پىدائىيلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە داۋاملىق قاتنىشىپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى، جاپالىقلىقى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشتە، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پاناھلاندۇرۇش، تەشۋىق - تەربىيە قىلىش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى؛ تەشۋىق - تەربىيەنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى، ھەرخىل تەشۋىقات شەكلى ئارقىلىق، خەلققە ئەيدىزنىڭ زىيىنىنى بىلدۈرۈشى، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلىتىشى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش - تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ھەم ئارىلىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىشى؛ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەم ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆيۈنۈش ۋە پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى ئۈنۈملۈك دورا بىلەن داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، ئۇلارغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئۇنى خەلقئاراغا يۈزلەنگەن زامانىۋى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر