باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، ئىناقلىقنى قوغداپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

2016.12.02 15:43   مەنبە: خەلق تورى

پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، ئىناقلىقنى قوغداپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  سۈرەتتە: 30-نويابىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال - ئەھۋال سوراشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنى ۋە پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى 90 نەچچە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال - ئەھۋال سوراشتى. سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، دۇڭشياڭ، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن بولغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقا…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى