باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا كېلەر يىلدىن باشلاپ چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئۇنۋان باھالاشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىنمايدۇ

2016.12.02 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- دېكابىر، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھاننى ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىشتا باھالاشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىنمايدۇ، بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىمتىھان كەسپىي ئۇنۋان باھالاش بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئاجىرىتىلغان بولۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشى پۈتۈن شەھەردىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كەسپىي تېخنىكا خادىمىغا چېتىلىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 1- دېكابىر ئېلان قىلغان «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش ئۈچۈن چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئىمتىھانىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا، نەتىجە، تۆھپە ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈش بويىچە ئۇنۋان باھالاش يۆنىلىشىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۇنۋان باھالاش ئۈچۈن چەت ئەل تىلى دەرىجە ئىمتىھانى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئىمتىھانىى ئۇنۋان باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلماسلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئالدىغا تەكلىپ قىلىش شەرتى قىلىپ بېكىتىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر