باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1- دېكابىردىن باشلاپ پويىز بېلىتى سېتىش سىستېمىسىدا بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار ئىشلىتىلىدۇ

پويىز بېلىتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تولۇق ئىسىم-فامىلىسى بېسىپ چىقىرىلىدۇ

2016.12.02 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى يولۇچى توشۇش تارمىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1- دېكابىردىن باشلاپ، پويىز بېلىتى سېتىش سىستېمىسىدا بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تولۇق ئىسىم - فامىلىسىنى بېسىپ چىقىرىدىغان ئىقتىدار، يان تېلېفون APP(ئەپ)نىڭ باش بەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش، فۇنكسىيەلىك كۇنۇپكىنى كۆپەيتىش دېگەندەك تۈرلەر رەسمىي ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ ئىقتىدارلار يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تولۇق ئىسىم-فامىلىسىنى بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشتىكى سەۋەب بولسا، ئاز سانلىق مىللەت يولۇچىلارنىڭ ئىسمىدىكى خەت سانى كۆپ، بېلەت ئۈستىدە ئاران ئالدىنقى تۆت خەنزۇچە خەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان، قالغان خەنزۇچە خەتنى پەقەت بىر دانە «*» بەلگىسى بىلەن ئالماشتۇرۇپ، سەپەرگە چىقىشتا قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ پەن تەتقىقات تارماقلىرى نۇقتىلىق قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن قوللانغان سەرخىللاشقان تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ۋە بېلەت ئېلىش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش تاماملاندى، 1- دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلدى. سىستېمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئىسىم - فامىلىسىنى بېسىپ چىقىرىدىغان رايوننى ئىككى رەتكە ئايرىپ، ئىسىم - فامىلىسىنى بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ، 15 خەنزۇچە خەت ئۇزۇنلۇقتىكى ئىسىم - فامىلە پاتىدۇ، (چېكىت بۇنىڭ ئىچىدە).

  بۇ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يېڭى ئىقتىدار بولسا «جۇڭگو تۆمۈريول 12306» يان تېلېفون APPسىنىڭ باش بەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇنىڭدا «ۋاقتىدا يېتىپ بېرىش ۋە كېچىكىپ يېتىپ بېرىش»، «يېقىملىق مۇلازىمەت»، «بىلەت سېتىش ۋاقتى»، «كىرا ئاپتوموبىل چاقىرىش» دېگەندەك تۆت خىل ئىقتىدار بار كۇنۇپكا كۆپەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يان تېلېفون ئابۇنت تېرمىنالى «مېنىڭ 12306»دا يېڭىدىن «ئۇچۇر مۇلازىمەت» ئىقتىدارى قوشۇلدى، تور بېكىتى ئۇچۇر مۇلازىمەت بېتىگە ئۇلىنىپ، يولۇچىلار كۆپ دۇچ كېلىدىغان مەسىلە قاتارلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر