باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىز قوغلاپ، ئورنىنى ھەر 15مىنۇتتا ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.12.02 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 1- دېكابىر ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1- دېكابىردىن باشلاپ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن، بۇ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشتە، بارلىق جۇڭگو ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ھازىرقى ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق، ئايروپىلان تۇرۇشلۇق مېرىدىيان، كەڭلىك گىرادۇسى، ئېگىزلىكى ۋە ئورۇن ئۇچۇرىنى يەر يۈزىدە مەشغۇلاتنى كونترول قىلىش تارماقلىرىغا ھەر 15 مىنۇت ياكى تېخىمۇ قىسقا ۋاقىتتا يوللاپ، ئۇچۇۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ توغرا ئورنىنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئىگىلىنىشچە، ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئۇچۇرىنى يەر يۈزىگە يوللىشى يېڭى تەلەپ ئەمەس، ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشىدا، ئورنىنى مەلۇم قىلىش ئارىلىق ۋاقتىنىڭ قىسقا، ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ ئېنىق بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنى خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 11- ئاينىڭ 11- كۈنى، مالايشىيا MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى 160 دۆلەت سۈنئىي ھەمراھلىق ئىز قوغلاش ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئىشلىتىش بويىچە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارالىق كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بىر رادىيو چاستوتىسىنى مەخسۇس قالدۇرۇپ، سۈنئىي ھەمراھلىق ئىز قوغلاش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسى سىستېمىسىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، دۇنيادىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئورنىنى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم مەلۇم قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر