خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان قۇرۇلۇشتا، يەنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 1- لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. 1- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، «جۇڭگو تۆمۈر يولى 11- ئىدارىسى گوروھى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان 25 مېتىرلىق رېلىس تېشى ئۈرۈمچى شەھىرى سەنگۇڭ مېترو بېكىتىدىكى رېلىس يولى ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 1- لىنىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رېلىس ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دە، بېيجىڭ شىمالىي يولى بىلەن چاڭجۇ كوچىسى يول ئېغىزىدىكى مېترو 1- لىنىيەسى سەنگۇڭ بېكىتىنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش بازىسىدا، يەر يۈزىدىكى پولات چىۋىقلىق غول جازىلار، پولات رېلىس ۋە شىپال قاتارلىق ماتېرىيال-ئۈسكۈنىلەر رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىدى، قۇرۇلۇش خادىملىرى رېلىس قۇراشتۇرۇۋاتقان ئىدى. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، شىپال ۋە رېلىس ئوتتۇرىسىدىكى قىستۇرما قەۋىتى بەك سىپتا بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قەۋەت ئىكەن، سىرتىدىكى ئىككى قەۋىتى سۇلياۋدىن ياسالغان، ئۇتتۇرىدىكى بىر قەۋىتى تۆمۈردىن ياسالغان ئىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە, شىپال ۋە رېلىس ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق قىستۇرما قەۋەت تەگلىك شىپال بىلەن رېلىسلارنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى