باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

−−−ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭنى زىيارەت مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

2016.12.02 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى سىياسىي ۋەزىپە. بىز ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەدبىر ۋە مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا ياخشى تەقسىملەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرىمىز.

  ئىلى ئوبلاستى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئارىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى، ئۆگىنىش كۇرسى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، دوكلات يىغىنى، مۇنبەر، لېكسىيە قاتارلىق شەكىللەردە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى تېزدىن ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى چوڭقۇر ۋە پۇختا قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن كۈچىنى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ توپلاشنى مەقسەت قىلدۇق.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزدە باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە كۈچنىڭ %75ىنى قەتئىي خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىمىز. پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپە، تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، ئىناق، باياشات ياشىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالىمىز.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى بايراق ۋە يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي تەلەپ، نىشان، ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى نىشان ۋە يېتەكچى قىلغاندىلا، ئوبلاستىمىز تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادتا كۈچلۈك رايون، مەركىزىي شەھەر، ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتەلەيدۇ.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوبلاست بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە بىللە بولۇشىغا ۋە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنداق قىلغاندا، ئىلى ئوبلاستىدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ باغچا تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى بىرلىشىپ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايون قۇرۇپ، مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان ۋە چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %13.5كە يەتكۈزۈپ، %80 ناھىيە - شەھەرنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە - شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيەلىك توسۇقنى ھەقىقىي ياخشى ساقلايمىز.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا. بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئىلى ئوبلاستىدا تۇرۇشلۇق بىڭتۈەن، ئىدارە ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر