باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 4 مىليون 500 مىڭغا يەتتى

2016.12.02 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 4 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن، يەنە شەھەر، بازارلاردىكى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ پەن-تېخنىكا خادىمى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن كىشى يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق ياراتقان. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 1- دېكابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋخۇا يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنى قوللاش سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

  چېن شياۋخۇا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇرتلىرىغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق ياراتقانلارنى قوللاشنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بىراق بەزى جايلاردا سىياسەت جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىك، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يەر ئىشلىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، تېخنىكىغا ئېرىشىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  چېن شياۋخۇا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «يۇرتلىرىغا قايتىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنى قوللاپ، يېزىلارنىڭ 1-،2-،3-كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پىكىر» نىڭ ئاساسلىق تۆت ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچىدىن، ياردەم بېرىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى. ئىلگىرىكى ئاساسلىقى دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىستۇدېنتلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش، ھازىر شەھەر-بازارلاردىكى ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارى بار پەن-تېخنىكا خادىملىرى، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاشقا كېڭەيتىلدى. ئىككىنچىدىن، قوللايدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە يۆنىلىش تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يۇرتلىرىغا قايتقان، يېزىلارغا چۈشكەنلەرنىڭ كۆلەملىك تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئىستىراھەت دېھقانچىلىق ۋە يېزا ساياھىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىنى نۇقتىلىق قوللاش، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى قوللاش، ئۆمەك تەشكىللەش، كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە پاي ھەمكارلىقى تۈزۈمى ئورنىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىك قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپ ئاشۇرۇلما قىممىتى كىرىمىدىن بەھرىلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچىنچىدىن، سىياسەت، تەدبىرلەر تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇلدى. بازار ئىجازىتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، مالىيە مەدىتى، سۇ، يەر، توك ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، رايونلاردا ئولتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تۆتىنچىدىن، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر