باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى

1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

2016.12.02 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 1- دېكابىر «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017- يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، نۆۋەتتە 2017- يىلىدىكى يېڭى يىل كۈنى، باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، يېڭى يىللىق 1- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى (دۈشەنبە) تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، چاغانلىق 1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ. 1- ئاينىڭ 22- كۈنى (يەكشەنبە)، 2- ئاينىڭ 4- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، چوكانتال بايرىمىلىق 4- ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن بولىدۇ. 4- ئاينىڭ 1-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

  تۆتىنچى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق 5- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ .

  بەشىنچى، تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق 5- ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن بولىدۇ. 5- ئاينىڭ 27- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .

  ئالتىنچى، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي سەككىز كۈن بولىدۇ. 9- ئاينىڭ 30- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى تىنچ - ئامان، خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى

  2016 -يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر