باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يادرولۇق رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى

پاكىستان خابىب بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى تىجارەت باشلاشقا ئىجازەت ئالدى

2016.12.02 16:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پاكىستان خابىب بانكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا قوشۇلغان.

  پاكىستان خابىب بانكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1947 - يىلى قۇرۇلغان پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ بانكا، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ بانكىنىڭ ئومۇمىي مۈلكى تەخمىنەن 21 مىليارد دوللارغا يەتكەن، پاكىستاندا 1600گە يېقىن شۆبە بانكىسى، چەت ئەلدە 60قا يېقىن شۆبە بانكىسى، بانكىغا قاراشلىق ئاپپارات ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى بار، ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى بۇ بانكا چەت ئەللەردە قۇرۇشنى پىلانلىغان 51 - شۆبە بانكا، شۇنداقلا پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگودا تەسىس قىلغان تۇنجى شۆبە بانكىسى.

  پاكىستان خابىب بانكىسى خەلقئارا بانكا بۆلۈمى ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ئابىد ساتتار مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى خابىب بانكىسىنىڭ شىنجاڭدا شۆبە بانكا قۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ شۆبە، تارماق ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: خابىب بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بانكا كەسپىدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى زور نەتىجە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە ئادەمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى»غا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر