باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 25 - يىغىنى يېپىلدى

«ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

2016.12.02 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 25 - يىغىنى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلدى، يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 49 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى» قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار ۋاسىتىچىلىك تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار؛ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈشنى باشلاش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارى»؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ 3 - تەڭشەش لايىھەسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ كادىرلارنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە خىزمەتكە تەيىنلەش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پېڭ جيارۈينى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان «ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق نىزاملار چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغانلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نىزام ۋە قارارلارنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاپ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە ماھىر بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ئاڭ»، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى يىل ئاخىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە يېڭى بىر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچىڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر