باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.12.02 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى تۈنۈگۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاۋشيەنگە ئالاقىدار قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. ليۇ جېيى شۇ كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللىغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرونى تەرەققىي قىلىدۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشتىكى بىردەك مەيدانىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر