باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى

( 2016 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2016.12.02 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تەشكىل قىلغۇچىلار بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شىنجاڭدا 60 مىڭدىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %95 ىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن كەڭ ئالاقە باغلاپ، پارتىيەنىڭ چوڭ - چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا پەسەيتىش، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش، ئاممىنىڭ ئەرز، تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپى ۋە 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلاردا نەمۇنىچىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، تۆھپە يارىتىشقا چاقىرىش ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردۇق:

  .1 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە بىلەن سىياسىي جەھەتتە بىر يۆنىلىشتە بولۇشى، ئىدىيە جەھەتتە بىر نىيەتتە بولۇشى، ھەرىكەت جەھەتتە تەڭ قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىللەر نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن - ئاخىر تونۇشتا مۇجمەل بولماي، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق قىلىپ، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، باشتىن - ئاخىر مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم، بايرىقى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە باش نىشاندىكى تەلەپتىن ئادىشىپ كېتىدىغان ھەرقانداق خاھىشتا بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  .2 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەكىللەرنى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تەشۋىقات قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش. بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بويىچە تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، كوچا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەييارە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ۋەكىللەر ئىچىدىكى رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيەلىك ۋەكىللەر، يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسلىرى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىشى، باشقا ۋەكىللەرمۇ تەشۋىقاتقا پائال قاتنىشىشى كېرەك. كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت كومىتېتى ۋە كوچا )مەھەللە(، پائالىيەت ئۆيى، بازار، مەيدان قاتارلىق سورۇنلاردا، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ، 5 - ، 6 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭگوچە سوتىسيالىزم يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ۋەكىللەر باشلامچى بولۇپ، قانۇننى ئوبدان ئۆگىنىپ، قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، «قانۇنچىل شىنجاڭ −− تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىگە پائال ماسلىشىپ، قانۇنچىلىق تەشۋىقاتچىسى رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا چىقارغان بىر قاتار مۇھىم نىزاملىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قانۇن - نىزاملارنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئائىلىلەرگىچە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىىنى كۈچلۈك قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  .3 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى ۋە «قوش تىل» ئۆگىنىش پائالىيىتىدە مۇنەۋۋەر نەمۇنىچىلاردىن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئاممىسى سايلاپ چىققان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش داۋامىدىكى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك. ۋەكىللەر باشلامچىلىق بىلەن قوش تىل ئۆگىنىشى، ئائىلە ئەزالىرىغا، ئەتراپىدىكى ئاممىغا باشلامچىلىق بىلەن «قوش تىل» ئۆگىتىشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسى» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى، «بەش تونۇش»نى كۈچەيتىشى، ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىدا نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

  .4 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باشلامچى بولۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەرىكىتىدە، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوبدان باشقۇرۇپ، ئاممىنى باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ھەر خىل مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ ۋە ئاكتىپ قاتنىشىپ، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، زامانغا لايىق تۇرمۇشنى، زامانىۋى تۇرمۇش ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. دىنىي زات ۋەكىللەرنى ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەز ئېيتىش، تەپسىرچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچ ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەرنى ئوبدان شەرھلەش كېرەك.

  .5 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش مەخسۇس كۈرىشىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەش. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىدە، قەتئىي تۈردە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى ئېنىق بولۇشى، مەيدانىدىن تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەرگە بولغان ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى بىر نۇقتىلىق كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ياردەم بېرىشكە مەسئۇل قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتىكى ئۇچۇرچىلىق خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئەھۋاللار، جەمئىيەتتىكى چوڭ - چوڭ زىددىيەت ۋە ماجىرالار قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ 1 - سېپىدىكى ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى قومۇرۇپ چىقىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  .6 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. ۋەكىللەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشىگە، باي بولۇش يولىنى تېپىشىغا، پائال ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 - سېپىدىكى ۋەكىللەر بېيىش ماھارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوبدان ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر تۈر جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش، پەن - تېخنىكا جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپتا نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاشتا نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېتەكلەپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى مەبلەغ، ئەشيانى كىرگۈزۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. ۋەكىللەر ئالاقىدار تارماقلارغا پائال تۈردە تەكلىپ ۋە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىر بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  .7 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار، ساپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ۋەكىللەرنى سىياسىي ئۆگىنىشكە داۋاملىق تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېچىلغان بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ۋەكىللەر قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى ساپاسى ۋە نەزەرىيەۋى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالدىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قەرەللىك ئەۋەتىپ، ۋەكىللەرنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بۆلەكلەرگە دەرىجىگە بۆلۈپ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋەكىللەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش بويىچە بىر قېتىم تەربىيەلەش، ھەر يىلى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بويىچە بىر قېتىم تەربىيەلەش، قانۇن بىلىملىرى بويىچە، تەكلىپ، تەۋسىيە بېرىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  .8 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەت سورۇنى، ئالاقىلىشىش ئاپپاراتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بەرپا قىلىپ، كۈچلۈك خادىملارنى قويۇپ، زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، ۋەكىللەر پائالىيەت قىلغاندا سورۇن بولۇش، تۈزۈم بولۇش، پىلان بولۇش، خاتىرە بولۇش، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت قىلىشى ۋە ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تور سۇپىسى، ئۈندىدار سۇپىسى، تاراتقۇ سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى ھازىرلاپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، «ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمە»گە پائال ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى غەمدىن خالاس قىلىشقا پائال تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  .9 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش، باھالاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى، تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈزۈمى، يىغىنغا قاتنىشىش تۈزۈمى، سايلام رايونلىرى ۋە سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى پائال ئادا قىلغان ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ۋەكىللەرنى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىللەرنى قاتناشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۇلارغا ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاشقا، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، ساھە ئىستىلىنى باھالاش، خەلق زاسېداتىللىرى، دېلونى چەتتىن ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئوبدان تەشكىللەش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش، قاراپ چىقىش پىكرى بايان قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە، گۇرۇپپا پائالىيىتىگە، سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە قاتنىشىش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى جەملەپ، ۋەكىللەرگە، شۇنىڭدەك ئۇلارنى سايلاپ چىققان سايلام ئورۇنلىرى ۋە سايلىغۇچىلارغا ياكى سايلىغان ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى پائال ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامغا سەپەر» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ رايىنى ئىنكاس قىلىشقا تەشكىللەپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر