باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قاراقاش ناھىيەسىدە قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلدى(1)

2016.12.05 15:36   مەنبە: خەلق تورى

قاراقاش ناھىيەسىدە قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى تەۋەلىكىدىكى بوستانكۆلگە جايلاشقان «ئويناق» قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قار تېيىلىش مەيدانىنى شىنجاڭ «ئويناق» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانى ۋە ئەسلىھەلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىلغار سەۋىيەسى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە سەپلەنگەن، كۆلىمى 1000 مو كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاراقاش ناھىيەسى، جۈملىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە قار تېيىلىش مەيدانى بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. شۇ كۈنى ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىدىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق كىشى مەيداننىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولدى. قاراقاش ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىستلىرى سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ تەنتەنە قىلدى.

  سۈرەتتە: قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى باشلانغۇچ  ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7 مىليون 95…
    ·ئاپتونوم رايوندا يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىزاڭ سىنىپى ۋە شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقا…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى