- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كادىرلارنىڭ ئارخىپىنى مەخسۇس قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى
2016.12.05 15:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 2014-يىلى 10-ئايدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە كادىرلارنىڭ ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات، كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئورگان، ئىدارىلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى، مەركەز كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىپ، ئارخىپتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلدى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك كادىرلارنىڭ ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش خىزمىتىدە، ساختىلىق قىلغانلارنى قاتتىق تۈزەپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتلارنى ئۈنۈملۈك چەكلەش؛ ئاساسنى، مەۋقەنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېنىقلاش بىلەن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش؛ بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر