باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇبا خەلقى فېدېل كاستىرونى ئۇزۇتۇپ قويدى

2016.12.02 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 29-نويابىر كەچتە كۇبا كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي داھىيىسى فېدېل كاستىرو ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ئاممىۋى ماتەم بىلدۈرۈش يىغىنى ھاۋانادىكى ئىنقىلاب مەيدانىدا داغدۇغۇلۇق باشلاندى. جۇڭگو، بولۋىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، زىمبابۇۋى، ۋېنېسوئېلا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى ئالاھىدە ئەلچىلىرى نەچچە مىڭ كۇبا خەلقى بىلەن بىرگە يىغىنغا قانتاشتى. شۇ كۈنى نۇرغۇنلىغان ئامما بىر قانچە سائەت ئىلگىرىلا نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا ئامما: «فېدېل»، «كۇبا ياشىسۇن»، «مەڭگۈ غەلبىگە قاراپ ماڭىمىز» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىدى. ماتەم بىلدۈرۈش پائالىيىتى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى، ئامما قوللىرىدىكى بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇزۇنغىچە ئايرىلىمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر