باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئاي شارىغا چىقىپ ساياھەت قىلىش» 10 يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن

2016.12.05 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شىتابى ئامېرىكا فلورىدا شىتاتىغا جايلاشقان خۇسۇسىي شىركەت «ئاي شارىغا قولايلىق توشۇش شىركىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ناۋىن جاين يېقىندا زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، بۇ شىركەتنىڭ ئېلون ماسك قۇرغان ئالەم ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2026- يىلىدىن بۇرۇن، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىدا ساياھەت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا: «ئېلون ماسكنىڭ شىركىتى توشۇغۇچى راكېتا ياسايدۇ، بىز ئاي شارىنى تەكشۈرگۈچ ياسايمىز، ئىككى شىركەت بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا، ئاي شارىدا شېرىنئاي ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشىدۇ»، دېدى.

  «ئاي شارىغا قولايلىق توشۇش شىركىتى»نى 2010- يىلى جاين قاتارلىقلار قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاي شارىدا كان قېزىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمېتى بۇ يىل 8- ئايدا «ئاي شارىغا قولايلىق توشۇش شىركىتى»نىڭ ئاي شارىغا قونىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ، ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەلئىچى ئاي شارىغا چىقىش پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشى بولۇپ قالدى. جاين شىركەتنىڭ كېلەر يىلى ئايغا چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئۇنىڭ سۆزىچە، 2026- يىلى ئىنسانلارنىڭ «ئاي شارىدا شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشى» ئەمەلگە ئاشقاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايغا چىقىش تەننەرخى ئاران 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر