باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «1954– يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ئاساسىي قانۇن»بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «ئاساسىي قانۇن» ئېڭىنى كۈچەيتىش، «ئاساسىي قانۇن» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە «ئاساسىي قانۇن»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.12.05 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3 – قېتىملىق «دۆلەت <ئاساسىي قانۇن> كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاساسىي قانۇن» دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈشى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئاۋۋال دۆلەتنى «ئاساسىي قانۇن» بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئاۋۋال «ئاساسىي قانۇن» بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن»نى تۈزۈپ چىققان. «1954- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسى تەسىس قىلىش «ئاساسىي قانۇن» تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئاساسىي قانۇن» تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. «1954 – يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاساسىي قانۇن» بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «ئاساسىي قانۇن» ئېڭىنى كۈچەيتىش، «ئاساسىي قانۇن» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، «ئاساسىي قانۇن»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  «1954- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.

  خاڭجۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى «ئاساسىي قانۇن» «1954- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تۈزۈلگەن جاي. «1954-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن» تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىخانىسىغا نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ھۆججەت ماتېرىياللىرى ۋە تارىخىي ئارخىپلار قويۇلغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر