خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى 3-قېتىملىق «دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى» ۋە 16-قېتىملىق «مەملىكەتلىك قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى» پائالىيىتىدە، يوپۇغا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى 23 ئورۇندىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسى «ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزام تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات قوللانمىسى، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، 600 ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق كىشىگە قانۇن ساۋاتلىرىدىن يۈز تۇرانە مەسلىھەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
سۈرەتتە: تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى