خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-دېكابىر، «قاناستىكى ئىپتىدائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، <بۆرە ئىزدەش خاتىرىسى> دىكى گۈزەل ئۇچرىشىش» باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى 2016- 2017-يىللىق قىشلىق ساياھىتى ۋە «بۆرە ئىزدەش خاتىرىسى» پائالىيىتى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل قار ماكانى ــ قۇمقاناستا باشلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:30 دا، تۇۋارلارنىڭ نەزىر-چىراغ مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە تېرە پۈتۈكنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «بۆرە ئىزدەش خاتىرىسى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا چانا تېيىلىش، قار موتوسىكلىتى مىنىش، قار تېيىلىش بالونى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى