باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«جۇڭگو ئارزۇسى»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ

2016.12.05 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2012- يىل 11- ئاينىڭ 29- كۈنى, باش شۇجى شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا سۆز قىلىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. تۆت يىلدىن بېرى, باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن سورۇنلاردا، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى، بەيدۇ تورىدا «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىزدىگەندە، ئىزدەش نەتىجىسى84700000 ماددا بېشىغا يەتتى. تۆۋەندە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

  مىللىي گۈللىنىش ئارزۇسى

  ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق غايە-تىلىكى بولىدۇ، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇسى بولىدۇ. ھازىر، ھەممەيلەن جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئارزۇغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. مېنىڭچە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. بۇ ئارزۇ نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى نامايان قىلىدىغان، ھەربىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئورتاق تىلىكى.

  تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەربىر كىشىنىڭ ئىستىقبالى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەمبەرچاس باغلانغان. دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولسا، كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر تۈرلۈك شەرەپلىك ھەمدە مۈشكۈل ئىش بولۇپ، يەنە نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا سۆزلىگەن سۆزىدىن ئېلىندى.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بۇ ئارزۇ − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز شەرت.

  — شى جىنپىڭ 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋە 10- كۈنى گۇاڭجوۋ ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ياشلارنىڭ ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى ، شۇنداقلا كەڭ ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنى دۆلەت ۋە مىللەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرگەندىلا، بىرەر ئىشنى ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدىن ئېلىندى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئارزۇسى

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرىگە يۈزلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  — شى جىنپىڭ 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرى 2013- يىللىق يىغىنىغا «يەرشارىدىن ئىبارەت ئېكولوگىيەسى ياخشى گۈزەل يۇرت ماكاننى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  قىممەت ئىنتىلىشى ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قىممەت چۈشەنچىسى ۋە قىممەت ئىستىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ, ھەربىر كىشى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەش داۋامىدا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئومۇمىي سانىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان سەمىمىي ئارزۇسىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدىن ئېلىندى.

  دۇنياغا تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى دۇنياغا تۆھپە قوشىدىغان ئارزۇ. ئۇ، جۇڭگونىڭ بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى ئارزۇسى بولۇپ، ئۇ، ھەم ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق، ھەم دۇنياغا تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو داۋاملىق تۈردە قۇربىنىڭ يېتىشىچە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى ۋە قوشقۇسى.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭگو-فرانسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن ئېلىندى.

  تىنچلىق ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان ئارزۇ. جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىققا موھتاج، تىنچ بولغاندىلا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جاھان تىنچ بولۇش, بۈيۈك بىرلىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش بولسا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان غايىسى.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭگو-فرانسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن ئېلىندى.

  دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ۋە مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم، جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىق، تەرەققىيات, ھەمكارلىق, ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسى، بىزنىڭ يەتمەكچى بولغىنىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخىت سائادىتى، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت سائادىتى.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە مەركەزنىڭ تاشقىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن ئېلىندى.

  بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى − بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى. جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئارزۇسى, شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. بىزنىڭ يۆنىلىشىمىز − ھەربىر ئادەمنى ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئورتاق كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش, ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش، خەلقنىڭ باراۋەر ئىشتىراك قىلىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ, پۈتۈن خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى جۇڭگو-فرانسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن ئېلىندى.

  جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى − دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئارزۇسى. چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈستۈن، ئەقلىي بايلىقى مول، سودىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى كەڭ، ئۇلار جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى 7- نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلىگەن سۆزىدىن ئېلىندى.

  بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارزۇسى

  جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا. جۇڭگو ئارزۇسى دېگىنىمىز — دۆلەتنى بېيىتىش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئارزۇسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ تەرەققىيات نىشانىمىز — 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010- يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش, مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ, زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاۋسترالىيە فىدىراتسىيە پارلامىنتىدىكى نۇتۇقىدىن ئېلىندى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ ئورتاق ئارزۇسى

  «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» دۆلەتنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى. بۇ تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش — شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى رويابقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 4 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن ئېلىندى.

  جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى زىچ باغلىنىشلىق. جۇڭگو ئارزۇسى − ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئۇنى ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تەيۋەندىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدىن ئېلىندى.

  ھەر بىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئارزۇسى, شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. جۇڭگو ئارزۇسىنى رويابقا چىقىرىش ئەينەكتىكى گۈل، سۇدىكى ئاي ئەمەس، ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىلتىزى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئارزۇسى بولىدۇ. ئارزۇ بولغاندىلا ئۈمىد بار بولىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنى «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلەپ ئېيتقان سۆزلىرى.

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئارزۇسى

  «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشى بولسا، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ھەم مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانىدۇر. بۇ ئارزۇ ۋە نىشانغا يېتىش مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى بولۇپ، ئۆز ئارا بىرلەشكەن، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈرگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇيىمىز.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تەكىتلەپ ئېيتقان سۆزلىرى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش — پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرسىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، بىز جۇڭگودا ھازىر بار بولغان ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغان 70 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز. بۇ، جۇڭگونىڭ 2015- يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم بىر قەدىمى.

  — شى جىنپىڭ 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى 2015- يىللىق نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە «قول تۇتۇشۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  دۇنيانىڭ ئارزۇسى

  جۇڭگو ئارزۇسى − جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى، شۇنداقلا ئۇ ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ئىچىدە، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى لوندون پۇل مۇئامىلە شەھىرىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئېلىندى.

  دۆلەتنىڭ تىنچ، ئەلنىڭ ئامان بولۇش ئارزۇسى

  يۇرتنىڭ تىنچ، ئەلنىڭ ئامان بولۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئومۇمىي ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى رويابقا چىقىرىش, خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا, دۆلەت بىخەتەرلىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى تۇنجى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىدە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، تەكىتلەپ ئېيتقان سۆزلىرى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى

  يېڭى تارىخىي شارائىتتا, بىز ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، دەل يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگو ئارزۇسىنى يىپەك يولى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، قەدىمىي يىپەك يولىغا يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇشتىن ئىبارەت.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 31- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە تەكىتلەپ ئېيتقان سۆزلىرى.

  ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئارزۇسى

  ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلام مۇھىت قۇرۇش, ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى يارىتىش لازىم.

  — شى جىنپىڭنىڭ 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا تەكىتلەپ ئېيتقان سۆزلىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر