باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەمنى توغرا تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تەيىنلەش-ئۆستۈرۈشنى مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «پارتكوم (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ كادىر تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزدى

2016.12.05 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەلىپى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىشلىرىنى كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتكوم(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ كادىر تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى.

  «قائىدە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كادىرلارنى تەيىنلەش-ئۆستۈرۈشتە چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن كادىر بولۇش شەرتى، پارتىيەنىڭ كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇش، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل ئىش قىلىش، ۋىجدانلىق بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېتىبار بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك-دىيانەتلىك ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. «قائىدە»دە يەنە «تۆت چوقۇم» ۋە «ئۈچنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماسلىق»، «ئىككى بولماسلىق»، «بەشكە يول قويماسلىق»نىڭ تەلەپلىرى بېكىتىلدى. «تۆت چوقۇم»: مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆستۈرمەكچى ياكى تەيىنلىمەكچى بولغان نامزات كادىرنىڭ ئارخىپىنى چوقۇم تەكشۈرۈش، شەخسكە ئالاقىدار ئىشلار دوكلاتىنى چوقۇم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى چوقۇم ئاڭلاش، يىپ ئۇچى ئېنىق بولغان ئەرزىيەت-پاش قىلىشنى چوقۇم تەكشۈرۈش، «چاتىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. «ئۈچنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماسلىق»: مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە كېڭەشمىگەن، دېموكراتىك كۆرسەتمىگەن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەنلەرنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماسلىق، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسىلىلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغانلارنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماسلىق، بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلمىغانلار ياكى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن تەستىقلانمىغان كادىرلارنى تەيىنلەش ئىشلىرىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماسلىق. «ئىككى بولماسلىق» پارتكوم(پارتگۇرۇپپىسى) يىغىنىدا كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىشنىڭ ئورنىغا ئايرىم پىكىر ئېلىش، رەھبەر كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، پارتكوم(پارتگۇرۇپپىسى) ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ تەشكىلدىن يۇقىرى تۇرۇشىغا بولمايدۇ، شەخسنىڭ ياكى ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «بەشكە يول قويماسلىق»، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويماسلىق، كادىرلارنى تۇيۇقسىز ئۆستۈرمەسلىك، تەڭشىمەسلىك، كادىرلارنى ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىپ بەلگىلىمەسلىك، ۋەزىپە سانى، ئاپپارات ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ كادىرلارنى تەيىنلەپ-ئۆستۈرمەسلىك، مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماسلىق، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىلنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر