باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان ھارپا كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى 29-دېكابىردىن باشلاپ سېتىلىدۇ

2016.12.05 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش كېلەر ئاينىڭ 13- كۈنى باشلىنىپ، 2- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 40 كۈن بولىدۇ. يولۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان 30 كۈن ئالدىن بېلەت سېتىش بويىچە ھېسابلىغاندا، كېلەر يىللىق چاغان ھارپىسى، يەنى 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ. 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا قاتناشنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇ چاغدا پويىز بېلىتىنى 60 كۈن ئالدىن سېتىش ئەسلىگە كېلەمدۇ ياكى يەنە باشقا تەڭشەش پىلانى بارمۇ، ھازىر تۆمۈر يول تارماقلىرى تېخى خەۋەر ئېلان قىلمىدى .

  2017- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى باشلىنىدۇ. دەسلەپكى مۆلچەرلىنىشىچە، 2017- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئېھتىياجى يەنىلا ئازراق ئېشىشنى ساقلاپ قالىدىكەن، مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليارد 978 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇ يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 2.2 ئاشىدىكەن. بۇلار ئىچىدە، تۆمۈر يول ئارقىلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 365 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %9.7 ئاشىدىكەن؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 58 مىليون 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %10 ئاشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر