خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) -1دېكابىر دۇنيا 29-قېتىملىق ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 1-دېكابىر چەرچەن ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى ، ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ «قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيايلى » تېمىسىدا تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ھەر قايسى ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن خادىملار ھەر مىللەت ئاممىسىغا 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىقات قوللانمىسى ۋە تەشۋىقات بۇيۇمى تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئۆستۈردى .
سۈرەتتە: تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى