باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ سېررالىيون زۇڭتۇڭى كىروما بىلەن كۆرۈشتى

2016.12.05 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-دېكابىر خەلق سارىيىدا سېررالىيون زۇڭتۇڭى كىروما بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سېررالىيون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو، سېررالىيون بىلەن ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ھەمكارلىقى، بازارلارشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە كانچىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك بېلىقچىلىق كەسپى ۋە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ھەمكارلىقلارغا نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. 2014- يىلى ئىبۇرا يۇقۇمى غەربى ئافرىقىدا يامرىغاندا جۇڭگو سېررالىيون قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا مادارىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. جۇڭگو سېررالىيون بىلەن بولغان ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.

  كوروما مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى سررالىيوننىڭ ئىبورا يۇقۇمى ئۇستىدىن غەلىبە قىلىشىغا باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بەردى. بۇ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىشتەك ئېسىل خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈردى. سېررالىيون جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، سېررالىيون جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر