باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

2016.12.05 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مىللەتنىڭ روھىنى تاۋلاش، خەلقنىڭ ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇش-ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى نۇرلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى توغرا قىممەت ئىنتىلىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش سۇبيېكتى قىلىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكىدىغان، خەلق ئارىسىغا يىلتىز تارتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىش؛ مەدەنىيەتنىڭ سەرخىل، نادىر ئىجادىيەتلىرىنى كۆپلەپ يارىتىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ مېڭىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى داستانىنى تېرىشىپ يېزىپ چىقىش لازىم. ليۇ يەندۇڭ، ليۇ چىباۋ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر