- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
128 مىڭ ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ
2016.12.05 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تارقىتىپ، 13-يىللىق بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي ئىدىيەسى، ئاساسى نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كاپالەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلغىچە ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە، ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلماسلىق، مەجبۇرىي مائارىپ، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، 128 مىڭ ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، 832 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر