باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنشى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يولغا قويۇش پىكرى» چىقىرىلدى

2016.12.05 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقاد بۆلىمى، مەركىزىي كومىتېت مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مائارىپ مىنسىتىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋە پەن تېخنىكا جەمئىيىتى« ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلىي سىستېمىسى، پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى سىستېمىسى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دەپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي مەدەنىيلىك تەلىپىنى قاندۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى، خەلقنىڭ ساپاسى ۋە ئىجتىماىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى نىشان، ئاممىۋى كۈتۈپخانا، موزىي، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، پەن تېخنىكا سارىيى ۋە ئىنقىلاپ خاتىرە سارىيىنى سەھنە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، پىدائىيلارنى مەدەنىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، خالىسانە تۆھپە قوشۇش، دوستانە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا بېسىشتەك پىدائيلار روھىنى كۈچەپ نۇرلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ روھى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر