باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار دۆلەت ئاساسى قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى

2016.12.05 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسى قانۇن دۆلەتنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، ئالىي قانۇنى ئورۇنغا، قانۇنىي نوپۇزغا، قانۇن ئىناۋەتكە ئىگە، نېگىزلىك، ئومۇمىي، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم قانۇن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان،ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بېرى ئېلىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى ئىقتىساد، سىايسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا زور چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۈچىنچى دۆلەت ئاساسى قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە جايلار ۋە تارماقلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىغا ئاساسى قانۇننىڭ ئەھمىيىتىنى ھەقىقى ھىس قىلدۇرۇپ، ئاساسى قانۇن روھىنى جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى.ئىگەللىنىشىچە، مائارىپ سىستېمىسى ئاساسى قانۇن ئۆگىنش كۈنى ئاساسى تېما تەربىيە پائالىيىتى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە 130مىڭ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى تور ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان. يېقىندا، ئاساسى قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىملىرى ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكمىسىدە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 17 تەپتىش ئەمەلدارى فورمىلىرىنى كىيىپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاساسى قانۇنغا دەبدەبىلىك قەسەم بەردى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە يېڭىدىن تەپتىش بولغان 47 كىشى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 98سوتچىسى دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ، قولىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نى ئېلىپ تۇرۇپ داغدۇغۇلۇق قەسەم بەردى.

  خېنەن ئۆلكىسى مۇراسىم تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېنىق قىلىپ: قەسەم بېرىش مەيدانى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولۇشى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ياكى دۆلەت گېرىپى ئېسىلىشى، قەسەم بېرىش مەيدانىدا يەنە قەسەم بېرىش سەھنىسى بولۇشى، سەھنىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى ئاساسى قانۇنى قويۇلغان بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلىمە چىقاردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر