باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر: قىسىمنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سەپلىمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

2016.12.05 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قىسىمنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سەپلىمىسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر رادىيو، تېلېۋىيە، تور، كۆچمە تېرمىنال قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمغا تارقالدى. باشلامچى ئورگانلاردىن تارتىپ ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپكىچە نۇرغۇن ئورۇنلار پارتكوم يىغىنى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى كېچىلەپ ئېچىپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگەندى، مۇزاكىرە قىلدى، كەڭ ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر ئالاقىدار خەۋەرلەرنى بەس-بەستە ئىگىلىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، ئىسلاھاتنى ھىمايە قىلىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا ئاتلىنىش قەتئىيلىكى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

  ھەر قايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەر قايسى ئارمىيە خىللىرى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقارغاندىن بۇيان، ئىسلاھات دولقۇنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونى ئاساسلىق جەڭنى قىلىش، ئارمىيە خىللىرى ئاساسلىق قۇرۇشتەك يېڭى قېلىپ بارلىققا كېلىپ، قىسىمغا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سەپلىمىسى ئىسلاھاتى رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ تۈزگەن قىسىمنىڭ كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي پىلانى، شۇنداقلا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى يەنە بىر قۇرۇلۇش پىلانى. ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تەرتىپلىك ئىشلەپ، قوماندانلىق ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، ئۇرۇش تەييارلىقى بوشىشىپ كەتمەسلىك، پىلان رەتسىز بولماسلىق، ئىدىيە تىزگىنسىز بولماسلىق، باشقۇرۇش قۇرۇق بولۇپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر