باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2016.12.06 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە 3- قېتىملىق يېزا-ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەڭ ئاخىرقى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەرلىك قىلىش باسقۇچىغا كىردى، نەق مەيداندا تىزىملاش خىزمىتىمۇ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. بۇ ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە 3- قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنىڭ يېڭى ئاساسىنى ئېنىقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 5- دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە 3- قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تەشۋىقات ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە 3- قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېگەن: مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئون يىلدا بىر قېتىم قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش __ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تونۇشۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەشنىڭ مۇھىم يولى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 12- ئاي ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تەشۋىقات ئېيى بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن ھەممە كىشى خەۋەردار بولىدىغان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە قوللايدىغان ياخشى مۇھىت شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر