باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ مىرزىيوئېۋنىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.12.06 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- دېكابىر مىرزىيوئېۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان سەمىمىي، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلار ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىل، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پارلاق يول ئاچتى. مەن جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىمەن، سىلەر بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر