باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «‹13- بەش يىل›لىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پىلانى» نى تارقىتىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش « چوڭ جېڭى » نى بېسىپ تارقىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش «چوڭ جېڭى» نى ياخشى قىلىشنى تەكىتلىدى

2020- يىلىغا بارغاندا، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك

2016.12.06 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «›13- بەش يىل‹ لىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ). «پىلان» «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» دىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېتەكچىسى قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېتىشسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

  «پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈچ چوڭ جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسى بويىچە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقۇرۇشنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، قانۇنلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يېشىللاشتۇرۇش ۋە تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، مۇھىت خەۋپ-خەتىرى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاساسەن تىزگىنلىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر