باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توكيو قولتۇقىدىكى دەريا ئېغىزىغا داۋاملىق رادىيوئاكتىپلىق سېزىي توپلاشماقتا

2016.12.05 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن توكيو قولتۇقىدىكى دەريالارنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتراپىدىكى دېڭىز ئاستىدا داۋاملىق رادىيوئاكتىپلىق سېزىي توپلىشىۋېتىپتۇ.

  «توكيو خەۋەرلىرى» بىلەن كانتون ئىنستىتۇتىدىكى ئالىي مەكتەپ تەتقىقاتچىلىرى ھەمكارلىشىپ، توكيو قولتۇقىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بىرنەچچە ئاساسلىق دەريالارنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ يېقىن ئارىلىقى دېڭىز يۈزى ۋە دېڭىز ئاستىنىڭ 40 سانتىمېتىر چوڭقۇر قاتلىمىدىكى دۆۋىلەنمە ماددىلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە، توكيو قولتۇقىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا يېقىن جايدا رادىيوئاكتىپلىق سېزىي داۋاملىق توپلىشىۋېتىپتۇ. ياپونىيەدە ھەر بىر كىلوگىرام يېمەكلىكتىكى رادىيوئاكتىپلىق سېزىي ئۆلچەملىك قىممىتىنىڭ 100 بېكۇرېلدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بېكىتىلگەن. 2016-يىلى، ياپونىيە سۇ مەھسۇلاتلىرى نازارىتى توكيو قولتۇقىدىكى 81 خىل بېلىقتىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە خىل بېلىقتا رادىيوئاكتىپلىق سېزىي بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان، لېكىن مىقدارى ئۆلچەملىك قىممىتىنىڭ %1گە يەتمىگەن بولۇپ، يېمەكلىك ئۆلچىمىگە ماس كەلگەن. ياپونىيە سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ توكيو قولتۇقىدىكى بېلىقلارغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تارماقلار يەنە داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر